
Advertise on podcast: كۈندىلىك ئاڭلىتىش
Rating
5from
This podcast has
423 episodes
Language
EnglishPublisher
RFAExplicit
No
Date created
2021/06/10
Latest episode
2026/10/23
Average duration
19 min.
Release period
8 days
Description
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Unlock كۈندىلىك ئاڭلىتىش podcast Email contact info,
Listeners & Audience details
Email contact information
Direct podcast contact details

Listeners
Audience numbers & engagement insights

Audience details
Podcast Insights

Podcast episodes
Check latest episodes from كۈندىلىك ئاڭلىتىش podcast
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 23-ئۆكتەبىر)
2026/10/23
ستارباكىسنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. رىزۋانئاي ئىلھام: تىلغا ئېلىنىش كۇپايە ئەمەس، شۋىتسارىيەدىن ئەمەلىي ھەرىكەت كۈتىمىز. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى تۈرك مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالدى. خىتاي بىلەن پاكىستان كورلىدا تېررورلۇققا قارشى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلەشمە مەشقىنى باشلىدى. مەمەت توختى: كانادا شەرقىي تۈركىستاندىكى بېلىقچىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى تەشكىلاتى نىيۇيوركتا دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 16-ئۆكتەبىر)
2026/10/16
غۇلجا ناھىيەسىدە يۈزگە يېقىن ساقچى ئۆزئارا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكەنلىكتىن ئىشتىن ھەيدەلگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ماركو رۇبىيونى سەمەرقەنت زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. كېڭەش پالاتاسى ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە قارشى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىرىلدى. فلاندرىيە قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى بۇ يىللىق كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە «ئۇيغۇر چۈشى»نى تاللىدى. مودا ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يېڭى ناخشىسى بىلەن تاراتقۇلاردا قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى "ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان" دەپ ئەيىپلەندى. ئافغانىستان ۋاخان كارىدورى تاشيولىنى پۈتتۈردى، ئەمما خىتاي چېگرانى ئاچمىدى. ژۇرنالىست مەمەتجان جۈمە ئوكسفوردنىڭ ژۇرنالىستلار تەتقىقات پروگراممىسىغا تاللاندى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 9-ئۆكتەبىر)
2026/10/09
شوپۇر ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئەمەس لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەقىدە ئىسمائىل تېخىچە تۇتقۇندا، ئاقىۋىتى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ياۋروپا پارلامېنتى: لاگېرلار نامدىلا تاقالغان، ئۈچ مىليون كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. دەنھاگ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ستارباكسنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان بازىرىغا كىرىشى كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بەش قىسىملىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىنىڭ تور نۇسخسىنى تارقاتتى. خىتاي مىللەتلىرى گېزىتى: «يېڭى چىڭ تارىخى» مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى «نەزەرىيەۋى ئوق-دورا» بىلەن تەمىنلىمەكتە. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 2-ئۆكتەبىر)
2026/10/02
ئابدۇللا تومۇرنىڭ خىتايدىن بېقىۋالغان قىزىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ب د ت بالىلار ھوقۇقى يىغىنىدا لاگېر تۇتقۇنلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندا كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر رومانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك مىللەتلىرى فېستىۋالىغا قاتناشتى. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: ترامپ-شى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. يېڭى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك كۆزىتىش تەمىنات زەنجىرى ئاشكارىلاندى. ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 25-سېنتەبىر)
2026/09/25
ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۇتۇۋېلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى. ۋاشىنگتوندا شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى: خىتاينىڭ «قىزىل سىزىق»لىرى ئۇنىڭ ئېغىر ئاجىز نۇقتىلىرىدۇر. ترامپ–شى ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ «قىزىل سىزىقلار» كۆرسىتىلگەن. غەرب دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى: ترامپ شى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت قىلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ دۇبلىندىكى ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. پائالىيەتچى ۋە ژۇرنالىست تاھىر ئىمىن ئامېرىكا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 18-سېنتەبىر)
2026/09/18
ئابدۇللا تۆمۈر كۇچا 6-رايون ساقچىسىنىڭ «ئاكا-ئۇكا بولۇش» تەلىپىنى رەت قىلدى. د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە ساقلاش ئۈچۈن ھەرىكەتتە. «ئەركىنلىك سارايى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ زىيارىتىدىكى نامايىشچىلارنى قوغداشقا چاقىردى. تۈركىيە ۋە قازاقىستاندا ئۇيغۇر ياشلىرى، ئاياللىرى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. "نىكاھ" سۆزى سەزگۈر سۆزگە ئايلانغان: خىتاينىڭ تەرجىمە دېتالى تالاش-تارتىش قوزغىدى. ئانتروپىك: خىتاي ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: خىتايغا ساياھەتكە بارغانلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 11-سېنتەبىر)
2026/09/11
تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ خىتاي تۈرمىىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ترامپقا قارىتا چاقىرىقلىرىغا بىر خرىستىيان تەشكىلاتىمۇ ئاۋاز قوشتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان دىني چەكلىمىلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن. شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەندى. تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن ئالىي تەتقىقاتچى ئابدۇقېييۇم خوجا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرائاتى سۈرۈشتە قىلىندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر زۇلۇم سىياستىگە ئون يىل بولدى.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 4-سېنتەبىر)
2026/09/04
ساقچى خادىمى: ياتاقلىق يەسلى ئاشخانىسىدا چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ تۆت يىللىقىدا خەلقئارادىن ئەمەلىي ھەرىكەت تەلەپ قىلدى. بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم ستوكھولم رايونلۇق كېڭەش سايلىمىدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولدى. كۆزەتكۈچىلەر: ترامپنىڭ شى جىنپىڭ سۆھبىتىدە سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قولىدا كۆزىرى بار. مەمەت توختى: خەلقئارا قانۇن بويىچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. زۇمرەتئاي ئەركىن ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىكىگە سائلاندى. خەلقئارا ئەپۇ تەشكىلاتى ئەنگىلىيە شۆبىسىنىڭ "ئۇيغۇرلارغا تەڭكەش بولۇش ئېيى" پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 28-ئاۋغۇست)
2026/08/28
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىگە مىڭلارچە بالا قاتناشتى. پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان. ئەزەربەيجان قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 21-ئاۋغۇست)
2026/08/21
خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى پاش قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋېنگىرىيەدىكى 9-نۆۋەتلىك «ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيى»غا قاتناشتى. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 14-ئاۋغۇست)
2026/08/14
قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى. ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر. ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا. جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندى
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 7-ئاۋغۇست)
2026/08/07
«سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ ۋاپات بولدى. ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا زاڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. ئادريان زېنز: يەنە 43 خىتاي كارخانىسى چەكلەش تىزىملىكىگە كىردى، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى يەنىلا زور. مەمەت توختى: خىتاي ئۆزىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزغان «ئۇزۇن قولى»نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا كەم دېگەندە 143 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 31-ئىيۇل)
2026/07/31
سابىق ساقچى جاڭ يابونىڭ خوتەن خانئېرىقتا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى دەلىللەندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يەكەن قەتلىئامىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. گېرمانىيە ئاخباراتى سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇننى يۈزلەشتۈردى. ئامېرىكىدا خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان خاتىرە ساراي تەسىس قىلىنماقچى. تۈرك يازغۇچى تاھا كىلىنچ خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى قامچىلىدى: «نومۇسسىزلار». ماراكەش دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانى چېگرادا تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرىۋەتتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى "ئۈزۈلمەس رىشتە - ئۇيغۇر مۇنبىرى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"غا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئىيل)
2026/07/24
گېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىل تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن ساق-سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئارافات ئادىلنى چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۇرتېمبېرگ شتاتىدىكى كارلسرۇھې ھۆكۈمىتى چىقارغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەنۋەر ئەھمەت: ئارافاتنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن بولدى. مۇنەۋۋەر ئابدۇللا زوردۇن سابىر ۋە «ئانا يۇرت» رومانىنى «جورجىئا تەقرىزى»دە تونۇشتۇردى. ئىستانبۇلدا 18-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. دىلنۇر رەيھان: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى. دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ۋەھىمىلىك تەسىرى ھەققىدە توختالدى.
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئىيۇل)
2026/07/17
ئاجىز گۈلجەننەت كامىلنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدازلاشتا ئامېرىكىلىق بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلماقتا. ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ كىتابلىرى دىققەت قوزغىماقتا. تۈركىيەگە مال سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەيۋەن تەشۋىقاتىغا سېلىشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ
Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Podcast sponsorship advertising
Start advertising on كۈندىلىك ئاڭلىتىش relevant audience podcasts
You may also like to advertise on these Podcasts

4.52258132000
The Joe Rogan Experience
Joe Rogan

4.499054915
Morbid
Ash Kelley & Alaina Urquhart

4.6908522
You Can Heal Your Life ™
Hay House

4.41164993
Extratime
Major League Soccer

4.8815227
ArtCurious Podcast
Jennifer Dasal/ArtCurious

4.9328291396
REAL AF with Andy Frisella
Andy Frisella

3.99019564
20/20
ABC News

4.91363712
The Learning Leader Show With Ryan Hawk
Ryan Hawk

4.92112502
the bossbabe podcast
Natalie Ellis

4.3386152000
The Megyn Kelly Show
SiriusXM